باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتى: تارىختىكى ناھەق، خاتا دىلولارنى تۈزۈمدىن چىقىپ ئويلىنىش كېرەك

2016.07.20 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ئىيۇلدىن 19-ئىيۇلغىچە ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئەدلىيە تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتى خاتا، ناھەق دىلولاردىن ساقلىنىش مېخانىزمىنى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى، تارىختىكى خاتا، ناھەق دىلولارغا قارىتا قانۇن بويىچە توغرىلاشتىن باشقا، يەنە سەۋەبى ھەققىدە تۈزۈمدىن چىقىپ ئويلىنىپ، خاتالىقنى قايتا سادىر قىلىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان ئەدلىيەلىك مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىش دىلو بېجىرىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەدلىيەنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچىلىكلىكىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش. بۇ ھەم ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ دىلو بېجىرىشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، ھەم ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

  نۆۋەتتە، خاتا دىلولارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە مەسئۇلىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىش شەرتلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. قانۇن-بەلگىلىمىگە قەستەن خىلاپلىق قىلىپ ياكى زور سەۋەنلىكتىن دىلونى خاتا بېجىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار، بولۇپمۇ قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش، زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش، يۈز ئاياپ قانۇننى بۇزۇش قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبلىك خاتا، ناھەق دىلو كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ ئەدلىيەلىك مەسئۇلىيىتىنى چوقۇم قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر