باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل تولۇق كۇرس1–تۈركۈمدە 20 مىڭ 745 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

2016.07.19 15:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 16 – ئىيۇل باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىۋاتقان مەيداننى ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلار ۋەكىللىرىگە ئېچىۋەتتى، 100گە يېقىن ۋەكىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى كۆردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 6 – ئىيۇل باشلانغاندىن بۇيان، 15 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت تۆتكىچە، تولۇق كۇرس 0 – تۈركۈم، نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى قاتارلىقلار بويىچە 8504 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان. ئاپتونوم رايون ئىچى – سىرتىدىكى 237 ئالىي مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە 20 مىڭ 745 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.

  ئۇقۇشۇمچە، تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 19 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت ئالتىدىن باشلاپ تولۇق كۇرس 0 – تۈركۈم، 1 – تۈركۈم ۋە نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن يۇقىرىقى تۈركۈملەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئېلان قىلىنىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدىن ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كۆرسە ۋە قايتا ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت تۆتتە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر