باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسىنى دۆلىتىمىزدە بازارغا سېلىشقا رۇخسەت قىلىندى

2016.07.19 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ئىيۇل، دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىدارە يېقىندا GSK شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئادەمدىكى شورىغۇچىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسىنى سۈمۈرۈش ۋاكسىنىسىنى ئىمپورت قىلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان. بۇ ۋاكسىنىنىڭ رولى بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلار شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئۇنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئادەملەر ئارىسىدا نىشانلىق ئىشلىتىلىش بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمى چەت ئەللەرنىڭ بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولغان. بۇ، تۇنجى قېتىم ئېلىمىزدە بازارغا سېلىشنى ئىلتىماس قىلغان يېڭى ۋاكسىنا بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن يېڭى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىگە ئايلىنىدۇ.

  دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئادەمدىكى شورىغۇچسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى ((HPV ھازىر ئوخشىمايدىغان 100 نەچچە خىلغا يەتكەن بولۇپ، 14 خىل تۈرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بالىياتقۇ بوينى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى خەۋپ-خەتەرگە ئىگە ئىككى خىل ۋىرۇسنىڭHPV-16 تىپى ۋە HPV-18 تىپى تەخمىنەن % 70 بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئالىملار ئادەمدىكى شورىغۇچسىمان ئۆسمە ۋىرۇسىنى سۈمۈرۈش ۋاكسىنىسى بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەتقىق قىلدى ھەم چەت ئەلدە پاي چېكىنى بازارغا سالدى. دۆلىتىمىزدە كۆپ قېتىملىق كىلىنىكىدا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بىخەتەرلىك ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، بۇ خىل ۋاكسىنىنى دۆلەت ئىچىگە كىرگۈزۈش تەستىقلاندى .

  دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا قەرەللىك ھالدا كېسەللىكنى تەكشۈرتۈش لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. HPV ۋىرۇستا 100 نەچچە خىل كەنجى تىپ بار بولۇپ، بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى خەتىرى بار كەنجى تىپىدىن 10 نەچچە خىلى بار، لېكىن ۋاكسىنا پەقەت بۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بولغان بىر قانچە خىلغا قارىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر