- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
11-قېتملىق جوڭگو ياشلار - ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى شىنجاڭ رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى
2016.07.19 15:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئىيۇل، جۇڭگو قىزىل مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ھاياتلىق ئىلمىي جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن 11 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ياشلار - ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى شىنجاڭ رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايون بويىچە تاللاش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 200 دىن ئارتۇق ياش - ئۆسمۈر ئەدەبىيات - سەنئەت ھەۋەسكارى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ناخشا- ئۇسسۇل، مۇزىكا، ھۆسىنخەت ۋە رەسىم، كىنو - تېلېۋىزىيەدە ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق بەش چوڭ تۈردە باھالاش ئېلىپ بارىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى شىنجاڭ رايونى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالدىن يۇقىرى باھالانغان ماھىرلار بېيجىڭغا بېرىپ 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر