باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىللىپپىن ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىز كېسىم دېلوسى ئۈچۈن ئادۋوكاتقا 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەپتۇ

2016.07.19 12:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىز كېسىم دېلوسى ھەققىدىكى ۋاقىتلىق كېسىم سوتى قانۇنغا خىلاپ، ئىناۋەتسىز، ئاتالمىش ئاخىرقى كېسىمنى چىقارغاندىن كېيىن، فىللىپپىن تاراتقۇلىرى 15-ئىيۇل: فىللىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كېسىم ئۈچۈن ئادۋوكاتقا 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

  فىلىپپىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئارايونىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋە ئىشخانا مۇدىرى رىگبېرتو تىگراۋ 15-ئىيۇل فىلىپپىندىكى تارقىتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان گېزىت-«مانىلا ۋاقتى گېزىتى» نىڭ باش بېتىدە ماقالا ئېلان قىلىپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا فىلىپپىن بۇ دېلوغا مەسئۇل سەككىز ئادۋوكات ۋە ئۇلارنىڭ كوللېكتىپىغا 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەپتۇ، دېگەن. ماقالىدا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ياكى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ فىلىپپىنغا بۇ پۇلنى ئاتچوت قىلىپ بېرىشى مۇراجىئەت قىلىنىپ، چۈنكى كېسىم ئامېرىكىغا ئۆزىنىڭ قىلچە ئىگىلىك ھوقۇقى بولمىغان جەنۇبىي دېڭىز ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا باھانە بولۇپ بەردى، دېيىلدى.

  ۋاقىتلىق كېسىم سوتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، كېسىم ھەققىنى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپ تەڭ ئۈستىگە ئالىدىكەن، ئەمما جۇڭگو كېسىمگە قاتنىشىشنى ۋە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن، ئۆتكەن 10 ئايدا ۋاقىتلىق كېسىم سوتى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەردە: جۇڭگو ئالاقىدار ھەقلەرنى تۆلەشنى رەت قىلدى، فىلىپپىن جۇڭگوغا ۋاكالىتەن كېسىم ھەققىنى تۆلىدى، دېيىلگەن. جەنۇبىي دېڭىز كېسىم دېلوسىنىڭ ئاتالمىش ئاخىرقى كېسىمى چىقىرىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئاتالمىش كېسىم نەتىجىسىنى ئېتىراپ ۋە ئىجرا قىلمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

  فىلىپپىن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى ئانتونئو ۋالدىس بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: كېسىم نەتىجىسى چىقىرىلىشتىن بۇرۇنلا سۆھبەتنى باشلاش كېرەك ئىدى، بۇ كېسىم نەتىجىسىنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوق، ئەھمىيىتىمۇ يوق. بىز كېسىم چىقىرىلىشتىن بۇرۇنلا جۇڭگو بىلەن سۆزلەشكەن بولساق بولاتتى. سابىق زۇڭتۇڭ ئاكىنو ئۈچىنچىنىڭ ئوي-خىيالى چاتاق بولغاچقا، ئۇ ئامېرىكىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، كېسىم چىقىرىشتا چىڭ تۇرىۋالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر