باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»نى تارقاتتى

2016.07.18 09:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17 - ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. تولۇق تېكىستى

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى پارتىيەنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى: ھوقۇق بولىدىكەن، جەزمەن جاۋابكارلىق بولۇش، مەسئۇلىيەت بولىدىكەن، جەزمەن زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىسا، جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ «تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئۆتكۈر قورالى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بىر تۈركۈم تىپىك مەسىلىلەر بويىچە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىشنى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندۇردى. پارتىيەنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) نى تۈزۈشنى قارار قىلدى.

  «نىزام»دا، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ قوللانما قىلىنىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ،4 - ،5 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي جاۋابكارلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن، بەزى پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلاردىكى پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىز بولۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشى كۈچلۈك بولماسلىق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش كۈچلۈك بولماسلىق، پارتىيەگە بولغان قارىشى ئاجىز بولۇش، تەشكىللەش چېچىلاڭغۇ بولۇش، ئىنتىزام بوش بولۇش، مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىقنى زىممىسىگە ئالماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى نامايان قىلىنغان، ئۇ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم قوللانمىسى، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەقسىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىكنى ساقلاش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلاپ، «نىزام»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئورنىنى تېپىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇش، يۇقىرى دەرىجىلىك تۆۋەن دەرىجىلىكنى يېتەكلەش، كۈچى ۋە نوپۇزى بارلارغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىش، بېسىم كۈچىنى قاتلاممۇ قاتلام يەتكۈزۈش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئەمىر - پەرمانغا ئەمەل قىلىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، جاۋابكارلىقنى يۈز - خاتىرە قىلماي سۈرۈشتۈرۈشكە جۈرئەت قىلىش، چۆچۈتۈش، ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئويغىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى)لىرى «نىزام»نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەخسۇس تەكشۈرۈپ، تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  رايونلار، تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋاللار ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر