باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 27-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2016.07.18 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-ئىيۇل رىۋاندا پايتەختى كىگالىدا ئېچىلغان ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 27-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافرىقا ئىتتىپاقى ئافرىقىنىڭ بىرلىشىپ ئۆز-ئۆزىنى كۈچەيتىشتىكى بايراق بولۇپ، ئافرىقىنىڭ بىرلىكتە ئۆز-ئۆزىنى كۈچەيتىش ۋە بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇلتۇر 12-ئايدا، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يوھاننسبورگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىشىپ ئورتاق بېيىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. جۇڭگو-ئافرىقا رەھبەرلىرى ھەمكارلىق زور تەدبىرلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىياسەتسىز ئىدىيە ۋە توغرا بولغان ھەققانىيەت ۋە مەنپەئەت قارىشىغا ھەقىقىي، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشقا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا « ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگو ئافرىقا خەلقىگە بەخت يارىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر