باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»نىڭ تولۇق تېكىستى

2016.07.18 09:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  1 - ماددا: مەزكۇر نىزام پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى»گە ئاساسەن تۈزۈلدى.

  2 - ماددا: پارتىيەنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىدە ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش چۆرىدىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، پارتىيە ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇلۇپ، ھوقۇق بولىدىكەن، جەزمەن جاۋابكارلىق بولۇش، مەسئۇلىيەت بولىدىكەن، جەزمەن زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىسا، جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  3 - ماددا: پارتىيەنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىدە چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ: نىزامغا، ئىنتىزامغا تايىنىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش، دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

  4 - ماددا: پارتىيەنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىدە، پارتىيە تەشكىلاتى مەسئۇلىيەت ھوقۇق دائىرىسى بويىچە پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئىشلىرىدىكى مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.

  جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئوبيېكتلىرى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)، پارتىيە خىزمىتى تارماقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەھبىرىي ئەزالىرى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپا) لىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەھبىرىي ئەزالىرى، مۇھىم نۇقتىسى ئاساسلىق مەسئۇل كىشى.

  5 - ماددا: جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار، رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە بىۋاسىتە ئاساسلىق باشقۇرغۇچى بەنزە ئەزالىرى ئاساسلىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بەنزىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئالاقىدار خىزمەتكە قاتناشقان باشقا ئەزالىرى مۇھىم رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  6 - ماددا: پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى باشقا نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى توغرا ئادا قىلماي، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

  (1) پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلاشقان، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن سىياسەتلىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرمىغان، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىدا يۈز بەرگەن زور مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىشى كۈچلۈك بولماي، زور خاتالىق كۆرۈلۈپ، پارتىيە ئىشلىرى ۋە خەلق مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يېتىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلار؛

  (2) پارتىيە قۇرۇلۇشى كۈچلۈك بولمىغان، پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشى نورمال بولمىغان، تەشكىلىي تۇرمۇشى مۇكەممەل بولمىغان، پارتىيە تەشكىلاتى ئاجىز ۋە چېچىلاڭغۇ، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى، بولۇپمۇ غايە، ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەت تەربىيەسى ئاجىز، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا شەكىلۋازلىق قىلغان، كادىرلارنى تاللاپ تەيىنلەش خىزمىتىدە مەسىلىسى گەۋدىلىك، پارتىيە ئىچىدە ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىياسىي ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرغانلار؛

  (3) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشى كۈچلۈك بولمىغان، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشى قاتتىق بولماي، چېچىلاڭغۇ ۋە ئاجىز بولغان، ياخشىچاق بولۇش كەڭ ئومۇملاشقان، ئاپاق - چاپاق بولۇۋالغان، مەسئۇلىيەتسىز، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلمىغان، پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكى كۈچلۈك بولمىغان، بايقاشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى بايقىيالمىغان، بايقالغان مەسىلىلەرنى دوكلات قىلمىغان ۋە بىر تەرەپ قىلمىغان، تۈزەتمەي ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرمەي ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛

  (4) پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامىنى ساقلىشى كۈچلۈك بولماي، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلار كۆپ كۆرۈلگەن، بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى قوغداشتا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، باشقۇرۇش تەۋەسىدە قىل دېگەننى قىلماسلىق، قىلما دېگەننى قىلىش، شايكا توپلاش، يېنىغا تارتىش، گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇش مەسىلىسى ئېغىر بولۇپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار؛

  (5) پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە قەتئىي، ئەستايىدىل بولمىغان، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە چىرىكلىكنىڭ يامراش يۈزلىنىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىمەي، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغانلار؛

  (6) جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىققا ئائىت باشقا ئەھۋاللار.

  7 - ماددا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش شەكلى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  (1) تەكشۈرۈش. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولمىغان، قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلار تەكشۈرۈشنامە يېزىشقا ھەم ھەقىقىي تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ.

  (2) ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولمىغان، قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ ھەم بەلگىلىك دائىرىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

  (3) ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش. ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەم ئۆزى تۈزىتەلمەيدىغانلارنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش كېرەك.

  پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش شەكلى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  (1) ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولمىغانلار قاتتىق تەنقىدلىنىپ، نىزام بويىچە تۈزىتىشى ھەم بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىشى كېرەك.

  (2) تەنبىھ بېرىش. ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ياكى يازما شەكىلدە تەنبىھ بېرىش كېرەك.

  (3) تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشەش ياكى بىر تەرەپ قىلىش. ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، قىلمىشى بىر قەدەر ئېغىر، ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ماس كەلمەيدىغانلارغا ئەھۋالغا قاراپ خىزمىتىدىن توختىتىپ تەكشۈرۈش، ۋەزىپىسىنى تەڭشەش، بۇيرۇققا بىنائەن ئىستېپا بەرگۈزۈش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك.

  (4) ئىنتىزام جازاسى. ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، ئىنتىزام جازاسى بېرىشكە تېگىشلىكلەرنىڭ ئىنتىزام جاۋابكارلىقى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  يۇقىرىقى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش شەكلىنى ئايرىم تەتبىقلىسىمۇ، بىرلەشتۈرۈپ تەتبىقلىسىمۇ بولىدۇ.

  8 - ماددا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياكى باشقۇرۇش ھوقۇقى بار پارتىيە تەشكىلاتى قارار قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپا)لىرى، پارتىيە خىزمىتى تارماقلىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، تەنبىھ بېرىش شەكلى بىلەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە؛ تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق؛ ئىنتىزام جازاسى شەكلى قوللىنىلىپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى ئالاقىدار نىزام - بەلگىلىمىلەردىكى ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  9 - ماددا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قارارى چىقىرىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن پارتىيە تەشكىلاتى ياكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئۇلار تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىغا ۋاقتىدا جاكارلاش ھەم ئىجرا قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار تەشكىلات تارماقلىرىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىشى، تەشكىلات تارماقلىرى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قارارى توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن رەھبىرىي كادىرنىڭ شەخسىي ئارخىپىغا كىرگۈزۈشى ھەم بىر دەرىجە يۇقىرى تەشكىلات تارمىقىغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك؛ تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشەش ياكى بىر تەرەپ قىلىشقا چېتىلىدىغانلار مۇناسىپ رەسمىيەتلەرنى بىر ئاي ئىچىدە بېجىرىپ بولۇشى كېرەك.

  جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى قارار قىلغۇچى ئورگانغا تەكشۈرۈشنامە يېزىشى ھەم دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ياكى پارتىيەنىڭ باشقا يىغىنلىرىدا ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشى كېرەك. جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى تىپىك مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشەلگەن ياكى بىر تەرەپ قىلىنغان، ئىنتىزام جازاسى شەكلىنى قوللىنىپ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەنلەرنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك.

  10 - ماددا جاۋابكارلىقنى ئۆمۈر بويى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق خاراكتىرى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغانلارنىڭ، مەسئۇل كىشى ئىش ئورنىدىن يۆتكەلگەن، ئۆستۈرۈلگەن ياكى پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىردەك جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەك.

  11 - ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوم، مەركەزدىكى مىنىستىرلىق، كومىتېتلار، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ بۆلۈم، كومىتېتلىرى پارتگۇرۇپپا (پارتكومى)لىرى مەزكۇر نىزامغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسى تۈزسە بولىدۇ.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مەزكۇر نىزامغا ئاساسەن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تۈزسە بولىدۇ.

  12 - ماددا مەزكۇر نىزامنى چۈشەندۈرۈشكە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەسئۇل بولىدۇ.

  13 - ماددا مەزكۇر نىزام 2016 - يىل 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئائىت بەلگىلىمىلەردىن مەزكۇر نىزام بىلەن بىردەك بولمىغانلىرى مەزكۇر نىزام بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر