باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېڭى باش ۋەزىر ئەنگلىيەنى قاياققا باشلايدۇ؟

2016.07.15 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە كونسېرىۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ يېڭى باشلىقى تېرېسا مەي 13-ئىيۇل رەسمىي ھالدا ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى ھەم يېڭى ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنى تەيىنلىدى، ئۇ بۇنىڭ بىلەن ساچىر خانىمدىن كېيىنكى ئەنگلىيەنىڭ ئىككىنچى ئايال باش ۋەزىرى بولدى.

  ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، تېرېسا مەينىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى مۇھىم ۋەزىپىسى ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى»غا رەھبەرلىك قىلىپ، «ئاجىرىشىش» سۆھبىتىدە ئەنگلىيە ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ماجراسى ئېلىپ كەلگەن پارتىيە ئىچىدىكى زىددىيەت ۋە ئىجتىمائىي بۆلۈنۈشنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، ئەنگلىيەنىڭ ئىجتىمائىي بېرىكىش كۈچىنى قايتا ھاسىل قىلىش بولۇشى كېرەك ئىكەن.

  كامېرون 13-ئىيۇل چۈشتە يىغىندىن كېيىن ئاخىرقى قېتىم باش ۋەزىرنىڭ جاۋاب بېرىش باسقۇچىغا قاتناشتى، چۈشتىن كېيىن بوككىنھام ئوردىسىغا بېرىپ، ئايال پادىشاھقا ئىستېپانامىسىنى تاپشۇردى، ئايال پادىشاھ ئۇنىڭ ئىستېپاسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، تېرېسا مەي بوككىنھام ئوردىسىغا بېرىپ، ئايال پادىشاھ بىلەن كۆرۈشتى، ئايال پادىشاھنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى بولۇپ قالدى.

  تېرېسا مەي ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خىرىس دەل ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مۇساپىسىگە رەھبەرلىك قىلىش.

  نۆۋەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن رەھبەر ئەنگلىيەنى تېزراق «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» قانۇن تەرتىپىنى باشلاشقا ئالدىراتتى. قانداق قىلىپ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» سۆھبىتىدە ئەنگلىيە ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش تېرېسا مەينىڭ ئالدىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر