سۈرەتتە: گۇاڭدۇڭ ساقچى تەرەپ قولغا چۈشۈرگەن بانكا كارتىسى، POS ماشىنىسى قاتارلىق بۇيۇملارنى نامايان قىلماقتا (13-ئىيۇل تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئىيۇل، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، گۇاڭدۇڭ ساقچىلىرىنىڭ ساختا كارتا بىلەن پۇل چۈشۈرۈش، توردا پۇل ئوغرىلاش، بانكا كارتا ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاش ۋە ئېلىپ-سېتىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈردىكى جىنايەت دېلولىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، بانكا كارتىسىغا ئالاقىدار 1035 جىنايى دېلونى پاش قىلغانلىقىنى، 379 جىنايەت گۇماندارىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، دېلوغا چېتىشلىق پۇل سوممىسىنىڭ 120 مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى