باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئەنگلىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋەزىرى تېرىسا مايغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

2016.07.15 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 13-ئىيۇل ئەنگلىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋەزىرى تېرىسا مايغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

  لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقۇرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ ئالاقىسى كۆپەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى مۇقىم ئىلگىرىلىدى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرىشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. جۇڭگو ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىشىشتىكى ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىشتەك ئالغا ئىنتىلىش روھىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئەنگلىيە بىلەن بىللە تىرىشىپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېرىسا ماينىڭ بۇ يىل 9-ئايدا جۇڭگوغا كېلىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى تەرەپ قولايلىق دەپ قارىغان ۋاقىتتا ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق كۆرۈشىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر