باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئېردىڭبەك بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2016.07.15 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 14-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، ئۇلانباتور دۆلەت سارىيىدا موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئېردىڭبەك بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ ئالدى بىلەن ئېردىڭبەكنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىنى ئۆز ئارا ھۆرمەتلەيدۇ، جۇڭگو، موڭغۇلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە، موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ ئۆزى تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە موڭغۇلىيەنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىدىن مەمنۇن بولىدۇ، موڭغۇلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر