باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەلەپ قىلىش بىلەن قۇرۇلغان نەنخەي كېسىم سوتى دېلوسى كېسىم سوتى چىقارغان كېسىمى توغرىسىدىكى باياناتى

2016.07.15 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتى فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەلەپ قىلىشى بىلەن قۇرۇلغان نەنخەي كېسىم سوتى دېلوسى كېسىم سوتىنىڭ 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى چىقارغان كېسىمى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك بايانات ئېلان قىلىدۇ:

  1. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيەمىنىستىرلىقىنىڭ فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەلىپى بىلەن قۇرۇلغان نەنخەي كېسىم سوتى دېلوسى كېسىم سوتى چىقارغان كېسىم توغرىسىدىكى باياناتى» ۋە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ نەنخەيدىكى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتى توغرىسىدىكى باياناتى» جۇڭگونىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىدى، ئالاقىدار كېسىملەرنىڭ جۇڭگونى ھېچقانداق چەكلەش كۈچى يوق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتى بۇ مەيداننى قەتئىي قوللايدۇ.

  2. جۇڭگونىڭ دۇڭشا ئارىلى، شىشا ئارىلى، جۇڭشا ئارىلى، نەنشا ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەنخەي ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە. جۇڭگو نەنخەي ئارىلىنىڭ ئىچكى دەريا، دېڭىز تەۋەلىكى، چېگرىداش رايون، مەخسۇس ئىقتىسادىي رايون ۋە قۇرۇقلۇق بوسۇغىسى ھوقۇقىغا ئىگە. جۇڭگونىڭ نەنخەيدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بار. ھەرقانداق دۆلەت، تەشكىلات ۋە ئاپپاراتلارنىڭ جۇڭگونىڭ نەنخەيدىكى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئىنكار قىلىش ھوقۇقى يوق.

  3. فىلىپپىننىڭ ئۆز ئالدىغا كېسىم چىقىرىشىجۇڭگو-فىلىپپىننىڭ ئالاقىدار تالاش-تارتىشلارنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش كېلىشىمىگە خىلاپ، «نەنخەيدىكى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى» غا خىلاپ، «ب د ت دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى» گە خىلاپ، «ئەھدىنامە» دە بەلگىلەنگەن كېسىم تەرتىپىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ۋە «ئەھدىنمە» دىكى شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ۋە تەرتىپىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، «ئەھدىنامە» نىڭ مۇكەممەللىكى ۋە نوپۇزىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

  فىلىپپىننىڭ ئۆز ئالدىغا تەلەپ قىلىشى بىلەن قۇرۇلغان نەنخەي كېسىم سوتى دېلوسى كېسىم سوتىنىڭ ئالاقىدار ئىشلاردا باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى يوق. ئۇلارنىڭ نەنخەينىڭ تارىخى ۋە ئاساسىي پاكىتىغا سەل قاراپ، «ئەھدىنامە» دە بېرىلگەن ھوقۇقنى بۇرمىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن قالايمىقان پايدىلىنىشى، ھوقۇقىنى ئۆز مەيلىچە كېڭەيتىشى ۋە ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىشى ھەم دېلونىڭ سۇبيېكتلىق مەسىلىسىنى قاراپ چىقىشى، «ئەھدىنامە» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «خەلقئارا قانۇن» ۋە خەلقئارا كېسىمنىڭ ئادەتتىكى قانۇن نەزەرىيەسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، چىقارغان كېسىمى كۈچكە ئىگە ئەمەس. جۇڭگو كېسىم سوتىنىڭ كېسىمىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر