- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەلقئارا بازاردىكى ياۋروپادىن ئايرىلىش كەيپىياتى سۇسلىغاندەك قىلىدۇ
2016.07.14 16:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى ئاۋازغا قويۇلۇپ 20 كۈندە بازاردا ياۋروپادىن ئايرىلىش كەيپىياتى سۇسلىغاندەك قىلىدۇ، خەلقئارا بازاردىكى پاي قاتارلىق خېيىم خەتىرى بار مۈلۈكنىڭ باھاسى ئۇدا بىرقانچە كۈن ئۆرلىدى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئالتۇن، ياپونىيە يېنى قاتارلىق خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىپىدىكى مۈلۈك باھاسى تۆۋەنلىگەن ئىدى،مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى مەزگىلدە بارلىق ئاچقۇچلۇق بازارلارنىڭ ئىپادىسى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى ئاۋازغا قويۇشتىن كېلىپ چىققان ساراسىمىلىك بازار كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدى، ئەمما بۇ كەيپىياتتا تەدرىجىي كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى، ئامېرىكا سانلۇيىس قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ رەئىسى بۇرادې 12-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىدا 6-ئايدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى قايتا ئاشتى، شۇڭا ئامېرىكا ئىقتىسادى ئارقىغا چېكىنىدۇ دەپ قىياس قىلىش ئاساسىمىز يوق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر