باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قەدىمىنى سىجىل تېزلىتىش كېرەك

2016.07.14 15:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش، ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن كارخانىچىلارنىڭ قاراشلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ۋەزىيەتنى ئىلمىي ئىگىلەش كېرەك. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قىيىنچىلىق كۆپەيگەن، خىرىس كەسكىنلەشكەن ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدۇق، بىز مۇناسىپ ھالدا ئۈنۈملۈك ماكرو سىياسەتنى يولغا قويدۇق، بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئاساسەن سىلىق ۋە مۇقىم بولدى، كۆزلىگەن نىشانغا ئۇيغۇن بولدى، قۇرۇلما ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. 2 – پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ سىلىق ۋە مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى 1 – پەسىلدىكىگە ئوخشاش بولدى، بۇنىڭدا ئىچكى ئېھتىياج تۈۋرۈكلۈك رول ئوينىدى، مال باھاسىنىڭ سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، تۈرلۈك ئىسلاھاتتا پائال ئىلگىرىلەش بولدى، يېڭى ئىقتىساد قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، شەھەر – بازارلاردا 7 مىليوندىن كۆپ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، بەزى ئەنئەنىۋى كارخانىلارمۇ يېڭى تېخنىكا ۋە ئەندىزىلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ راۋاج تېپىشتەك يېڭى يولغا ماڭدى، بۇ نەتىجىلەرنى ناھايىتى تەستە قولغا كەلتۈردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تولۇق مۆلچەرلىشىمىز كېرەك. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن دۇنيا بازىرىنىڭ ئېھتىياجى ھېلىھەم سۇس بولۇۋاتىدۇ، خەلقئارا مۇھىتتىكى يېڭى تۇراقسىز ئامىللار يەنىلا كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ كېيىنكى تەسىرىگە بىر نېمە دېمەك تەسرەك. دۆلىتىمىزدە بولسا رايونلار بىلەن ساھەلەرنىڭ يۈزلىنىشى تەكشى ئەمەس، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا بىر جەريان كېتىدۇ ھەم زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى پەيدا قىلغان بېسىم تېخى تۈگىمىدى، كەينى – كەينىدىن يۈز بېرىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتلەرمۇ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، ماكرو سىياسەتنىڭ كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش ۋە ئالدىن تەڭشەش، مىكرو تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خەۋپنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇلارنى تەمكىنلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى ۋە مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كۈچەيتىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى باش لىنىيە قىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئۈمىدىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھۆقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش قاتارلىق باجنى كېمەيتىش، ھەقنى ئازايتىش سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش، ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىش، پىشاڭنى ئاجىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش››نىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كارخانىنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق تەدرىجىي تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئارتۇق كىشىلەرنىڭ ئىش ئورنىدىن قالماي ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقا قىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ‹‹ئالاقە تورى+›› غا تايىنىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنىڭ بەس – بەستە گۈللىنىشىگە، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش فورماتسىيەسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلەرنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ۋە كونا ئېنېرگىيەنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلارنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ئىقتىسادنىڭ تەمىنلەشنى ياخشىلاش، ئېشىشقا تىرەك بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كۈچەيتىش، ئۈنۈملۈك ئېھتىياج دائىرىسىنى كېڭەيتىش جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى، شەھەرنىڭ يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى ئاجىز ھالقىلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېز تۈگىتىپ، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەرەققىياتنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ‹‹13 – بەش يىل›› باشلانغان يىل، پۇرسەتمۇ، قىيىنچىلىقمۇ تەڭ مەۋجۇت، مۇتەخەسسىسلىرىمىز بىلەن كارخانىچىلىرىمىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىشلىرىدىكى چوڭ مەسىلىلەر ۋە گەۋدىلىك قىيىن نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، ياخشى چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، كۆپرەك ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بىر يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھالدىن يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىغا، ئوتتۇراھالدىن يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر