باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا بىخەتەرلىك ئەھۋالى مۇقىم

2016.07.14 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى 13-ئىيۇل ئېلان قىلغان «دۆلەت دورىنىڭ ناچار تەسىرىنى كۆزىتىش يىللىق دوكلاتى (2015-يىلى)»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى دۆلەت دورىنىڭ ناچار تەسىرنى كۆزىتىش تورى تاپشۇرۇپ ئالغان دورىنىڭ ناچار تەسىرى ۋە ۋەقە كۆرۈلگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلات 13 مىليون 980 مىڭ پارچىگە يەتكەن بولۇپ، 2014-يىلىدىكىدىن %5.3 كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 14 ياشتىن تۆۋەن بىمار بالىلارغا چېتىشلىق دوكلات % 9.9نى ئىگىلىگەن بولۇپ، 2014- يىلدىكىگە قارىغاندا سەل تۆۋەنلىگەن؛ 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار توغرىسىدىكى دوكلات % 21.5نى ئىگىلىگەن بولۇپ،2014- يىلىدىكىگە قارىغاندا كۆپەيگەن.

  ئىستاتىستىكىلىق تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا بىخەتەرلىك ئەھۋالى مۇقىم بولۇپ، يۇقۇملىنىشقا قارشى ناچار تەسىرىنى كۆزىتىش دوكلاتى ئومۇمىي دوكلات نىسبىتىدىن %5.1 تۆۋەنلىگەن. 2015-يىلىدىكى دورىنىڭ ناچار تەسىرى ۋە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتتا يەنىلا داۋالاش ئاپپاراتى ئاساس قىلىنغان؛ دورا ئىشلەپ چىقىرىش كارخانىسى توغرىسىدىكى دوكلات 2014-يىلىدىكىگە قارىغاندا ﺋﺎشقان.

  دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى ياشانغانلارنىڭ بىخەتەر دورا ئىشلىتىشىنى ئەسكەرتتى. ياشانغانلار دورا ئىشلىتىشتە ئېھتىيات قىلىپ، دورا تاللىغاندا دوختۇردىن كۆپرەك مەسلىھەت سوراپ، دورا ئىستېمال قىلىش يولى ۋە ۋاقتىغا دىققەت قىلىپ، دورا ئىشلەتكەندە كۆزىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر