باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقاردى

2016.07.14 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ ھەپتە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىنى كۈتۈۋالىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 14 - ئىيۇل كۈندۈزدىن 15-ئىيۇل كۈندۈزگىچە، بايىنغۇلىن ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، تۇرپان، پىچان، توقسۇن ئويمانلىقى قاتارلىق قىسمەن جايلاردا تېمپېراتۇرا يۇقىرى ئۆرلەپ 40 سېلسىيە گرادۇسقا چىقىدىكەن؛ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقارغان. مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىمۇ 14 -ئىيۇل بۇ ھەپتىدىكى ئەڭ ئىسسىق بىر كۈننى كۈتۈۋالغان بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37 سېلسىيە گرادۇسقا چىققان.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاتموسفېرانىڭ ھالقىسىمان تەڭشىشىنىڭ تەسىرىدە، بۇرۇنقى شىمالىي شىنجاڭغا مۇقىملاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا تۆۋەن بېسىملىق قاينىمى شىمالغا سۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئەسلىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇبتروپىك بەلباغ يۇقىرى بېسىمى شىمالغا يۈرۈشنى باشلىدى، بۇنىڭ تەسىرىدە ھاۋا ئېقىمى تۆۋەنگە ئولتۇرۇشۇپ، ھاۋا ئوچۇق، ئىسسىق بولىدۇ.

  14-ئىيۇل كۈندۈزدىن 15- ئىيۇل كۈندۈزگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تۇرپان، پىچان، توقسۇن ئويمانلىقى، قۇمۇلنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 35 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ، يۇقىرىقى قىسمەن رايونلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 37 سېلسىيە گرادۇستىن ئاشىدۇ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، تۇرپان، پىچان، توقسۇن ئويمانلىقىدا تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرىقى رايونلاردا داۋاملىق قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك يۇقىرى تېمپىراتۇرا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر