باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تېرىسا مەي ئەنگلىيە كونسېرىۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

كامېروننىڭ ئورنىغا باش ۋەزىر بولىدۇ

2016.07.12 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئىيۇل، ئەنگلىيە بېرمىڭھامدا، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى تېرىسا مەي سايلام پائالىيىتىدە سۆز قىلماقتا.

  ئەنگلىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە كونسېرىۋاتىپلار پارتىيەسى 11-ئىيۇل، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى تېرىسا مەينىڭ بۇ پارتىيەنىڭ يېڭى باشلىقى بولغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون ئارقىدىن ئۆزىنىڭ 13-ئىيۇل ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى، تېرىسا مەينىڭ ئەنگلىيە تارىخىدا ساچىر خانىمدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئايال باش ۋەزىر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كامېرون ئۆزىنىڭ 12-ئىيۇل ئاخىرقى بىر قېتىم ئىچكى كابېنت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، 13-ئىيۇل يىغىندىن كېيىن ئاخىرقى قېتىم باش ۋەزىر جاۋاب بېرىش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن بوككىنھام سارىيىغا بېرىپ، ئايال پادىشاھ ئېلزابېت ئىككىنچىگە ئىستىپانامە تاپشۇرىدىغانلىقىنى، ئەنگلىيەنىڭ 13-ئىيۇل كەچتىن بۇرۇن يېڭى باش ۋەزىرى بار بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كامېرون تېرىسا مەينى «قەيسەر ھەم لاياقەتلىك» رەھبەر، دەپ ماختىدى ھەم ئۆزىنىڭ تېرىسا مەينى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  «تۆمۈر ئايال» دەپ نامى بار تېرىسا مەي 1956-يىلى تۇغۇلغان، 1997-يىلىدىن باشلاپ پارلامېنت تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولغان، 2010-يىلىدىن باشلاپ كامېرون ھۆكۈمىتى ئىچكى كابىنېتىدا ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. ئۇ ئۇزۇن مۇددەت ئىچكى كابىنېتنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولغان بولۇپ، سىياسىي تەجرىبىسى مول. ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش» ئومۇمىي ئاۋاز بېرىشىدە، ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىشنى قوللىغان، بىراق ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش» تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

  ئەنگلىيەنىڭ 24-ئىيۇن ئېلان قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش » ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، كۆپ سانلىق كىشىلەر ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىنى قوللىغان. كامېرون ئارقىدىن ئۆزىنىڭ باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى، يېڭى باش ۋەزىرنىڭ ئەنگلىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش» سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر