باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «يىپەك يولى» ئىلىم-پەن بايرىمى 22 -ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدۇ

2016.07.14 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12 - ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن 2016 ـ يىللىق شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «يىپەك يولى» ئىلىم-پەن بايرىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ خەلقئارالىق كاتتا مەرىكە 22 -ئىيۇل نېفىت شەھىرى قارامايدا ئۆتكۈزۈلدىغان بولۇپ، بەش كۈن داۋاملىشىدىكەن، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن ئاكادېمىك، پىروفېسسورلار ۋە مەملىكىتىمىزدىكى 15 ئۆلكە، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر بولۇپ 2000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتنىشدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئىلىم-پەن بايرىمى ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن پەن - تېخنىكا بايراملىرىدىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشىغا ماس كېلىدىغان، نەق مەيداندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىلمىي تەجرىبە، ئىلمىي مۇنازىرە، كۆپ ۋاسىتىلىق نوتۇق سۆزلەش، دالا ئىلىم - پەن كۆرگەزمىسى، ئىلىم-پەن كۆرگەزمىسى قاتارلىق مۇكەممەل ئىلمىي سىناق جەريانى بولغان پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، «يىپەك يولى» لوڭقىسى تور بىخەتەرلىكى ماھىرلار مۇسابىقىسى بۇ نۆۋەتلىك ئىلىم - پەن بايرىمىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ئون داڭلىق تور بىخەتەرلىكى جەڭ ئەترىتىدىكى 50 كە يېقىن ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر