- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئۈنۈمى ياخشى كارخانىلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش تەكلىپى قويۇلدى
2016.07.14 16:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 2016-يىللىق كارخانا مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى نورمال، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئاشقان كارخانا ئىشچىلىرىنىڭ مائاشىنى % 9 ئۆستۈرۈپ بېرىشنى، ئۆسۈش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا % 4، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا % 15 بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
كارخانىلار مائاش يېتەكچى سىزىقى بولسا ئاساسىي سىزىق، يۇقىرى سىزىق، تۆۋەن سىزىق بويىچە ئىپادىلىنىدۇ. ئاساسىي سىزىق نىسبىتى % 9 بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى نورمال، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئاشقان كارخانىلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئاساسىي سىزىق بويىچە ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش سەۋىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. يۇقىرى سىزىق نىسبىتى % 15 بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى يىلدا ئۈنۈمى تېز ئاشقان، 2016-يىلى پىلان بويىچە ئۈنۈمى داۋاملىق بىر قەدەر تېز بولغان كارخانىلار، پىرىنسىپ جەھەتتە يۇقىرى سىزىقتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، شۇ كارخانا ئىشچىلىرىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆۋەن سىزىق نىسبىتى % 4 بولۇپ، ئۈنۈم ئەھۋالى ئىلگىرىكى يىللار بىلەن تەڭ ياكى سەل تۆۋەنلىگەن كارخانىلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەن سىزىق بويىچە ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش سەۋىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر