خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر بىلەن بىرلىكتە 18-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، كەسكىن بولىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى ئىككى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، زىچ ئالاقە ۋە ياخشى ھەمكارلىقنى ساقلاپ، دۇنياغا ئاكتىپ سىگنال تارقاتتى. جۇڭگو، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قەتئىي قوللايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گۈللىنىپ، مۇقىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەققىياتىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بىز ياۋروپا بىلەن سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ياخشى پىلانلاپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى توختىماي تولۇقلاپ، ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى