باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن جۇڭگو ئارمىيەسى خىزمەت گۇرۇپپىسى ھاۋا ئارمىيە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ جەنۇبىي سۇدانغا باردى

2016.07.14 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو ئارمىيەسى ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى 13-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00لەردە، ھاۋا ئارمىيە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ جەنۇبىي سۇداننىڭ جۇبا رايونىغا باردى.

  ئىگىلىنىشچە، خىزمەت گۇرۇپپىسى رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەھبەرلىرىنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزۈپ، جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش قىسمىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن ھال سوراپ، قىسىمنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشىگە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىپ، تالاپەتكە ئۇچرىغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ قالغان ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماسلىشىپ، قۇرغان بولغانلارنىڭ مېيىتى ۋە يارىدار بولغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىدىكەن.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىغا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىنچلىق ساقلاش ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى، گېنېرال مايور سۇ گۇاڭخۇي يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئەزالىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ھەربىي كومىتېت ئورگىنى، تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسى قىسمىدىكى ئالاقىدار خادىملار ۋە داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان.

  جۇڭگونىڭ جەنۇبىي سۇداندىكى تىنچلىق ساقلاش پىيادىلەر يېڭىدىكى بىر برونېۋىكقا، شۇ جاي ۋاقتى 10-ئىيۇل جەنۇبىي سۇدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لاگېرىدا، مۇساپىرلار لاگېرىنى قوغداش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقاندا ئوق تىگىپ، جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش خادىمىدىن ئىككىسى ۋاپات بولدى، ئىككىسى ئېغىر يارىلاندى، ئۈچى يېنىك يارىلاندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر