خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئىشخانسىدىن گۈلبوستان مەمەت، جوڭخاڭ خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرىدىكى 51 ياشلىق «ھەربىي ئانا» ئايگۈل ئابدۇراخمان ئۆيدىكىلىرى بىلەن بىرلىكتە 2800 يۈەنلىك گۆش، مېۋە-چىۋە، كۆكتات قاتارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ، قاراتال بازىرىدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىدىن ھال سورىدى.
ئايگۈل ھەدە ھەربىي ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە ئەتراپىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر ۋە شىنجاڭنىڭ بۇرۇنقى ۋاقىتلىرى بىلەن ھازىرقى ۋاقىتلىرىنى سۆزلەپ، ۋەتەنگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ خەلقنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن چەككەن جاپاسىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
سۈرەتتە: ئايگۈل ئابدۇراخمان قاراتال بازىرىدىكى ھەربىي ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بىلەن بىللە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى