باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە 60 ياشتىن ئاشقانلار نوپۇسى 222 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %16.1نى ئىگىلىدى

2016.07.12 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 11-ئىيۇل ئېلان قىلغان «2015-يىللىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەت تەرەققىياتى ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدە 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ياشانغانلار سانى 222 مىليون بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %16.1نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىلار نوپۇسى 143 مىليون 860 مىڭ كىشى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10.5نى ئىگىلىگەن.

  ئاخباراتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ھەرخىل ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئورگانلىرى ۋە ئەسلىھەلىرى 116 مىڭگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %23.4 ئاشقان. ھەرخىل كۈتۈنۈش كارىۋاتلىرى 6 مىليون 727 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %16.4 ئاشقان؛ ھەر 1000 ياشانغانلارغا 30.3 كۈتۈنۈش كارىۋىتى توغرا كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %11.4 ئاشقان.

  بالىلار پاراۋانلىقى ۋە بېقىۋېلىشنى تىزىملاش جەھەتتە، ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 502 مىڭ يىتىم بالا بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىلىۋاتقان يىتىم بالا 92 مىڭ، جەمئىيەتتە تارقاق بېقىلىۋاتقان يېتىم بالا 410 مىڭ بولغان؛ 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە ئائىلىدە بېقىشقا تىزىملانغىنى 22 مىڭ بولغان. مەملىكەت بويىچە بالىلار پاراۋانلىقى ۋە قوغداش مۇلازىمىتى ئورگانلىرى 753 بولۇپ، 100 مىڭ كارىۋات ئورنى بار بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر