باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر» تارقاتتى

ناھىيە تەۋەسىدىكى شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھات، تەرەققىياتى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئىككى مەنبەلىك توسۇقى 2020-يىلغىچە ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىلىدۇ

2016.07.12 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «ناھىيە تەۋەسىدىكى شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى تارقىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى بويىچە، شەھەر-يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى پەرقىنى تىزدىن كىچىكلىتىپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ناھىيە تەۋەسىدىكى شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مەكتەپ قۇرۇش ئۆلچىمى، ئوقۇتقۇچىلار ئىشتات ئۆلچىمى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئومۇمىي ئىشلار راسخوتىنىڭ ئاساسىي نورمىسى، ئاساسىي قورال-جابدۇق سەپلەش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىپ بىرنى تولۇقلاش» سىياسىتىنىڭ شەھەر-يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تىزلىتىش، 2020-يىلغىچە شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىسىدىكى توسۇقنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇش؛ شەھەر-يېزا مەكتەپلىرىنىڭ جايلىشىشىنى تېخىمۇ مۇۋاپىق قىلىش، چوڭ سىنىپنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش، مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىش، شەھەر-يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى تەقسىملەش، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، ئىش ئورنىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش، يېزا مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش دەرىجىسىنى ٪95كە يەتكۈزۈش، ناھىيە تەۋەسىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە شەھەر-يېزا ئاساسىي جامائەت مائارىپ مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر