باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمدە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 6-ئىيۇل باشلاندى

2016.07.07 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى كۈن تەرتىپى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تولۇق كۇرس 1 -، 2- تۈركۈملىرىگە مۇددەتتىن بۇرۇن (قىسقارتىلىپ تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمدە مۇددەتتىن بۇرۇن ( قېتىم ) توردا قوبۇل قىلىش خىزمىتى 6-ئىيۇل باشلانغان، مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئىيۇل ئاخىرلىشىدىكەن.

  تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمدە ھەربىي، قۇراللىق ساقچى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرى، تەنتەربىيە تۈرى، ھەقسىز پىداگوگىكا مەكتىپى، ھەقسىز تېببىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان نىشانلىق ئوقۇغۇچى ۋە باشقا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلەر ( كەسپىي )نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يىل پىلان بويىچە تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمدە شىنجاڭدىن جەمئىي 7490 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىي، قۇراللىق ساقچى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرىگە 1400 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرى، تەنتەربىيە تۈرىگە 3600 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، ھەقسىز ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەقسىز تېببىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان نىشانلىق ئوقۇغۇچى ۋە باشقا تۈرلەرگە 2490 ئوقۇغۇچى ئوبۇل قىلىنىدۇ.

  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئىمتىھان بەرگۈچى ۋە ئاتا-ئانىلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:00دە «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر « شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» ياكى « شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ھۆكۈمەت مىكرو ئۈندىدارى (xjzs140304)دا ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.

  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچى ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ گۇمانى بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ كۈتۈۋېلىش باش پونكىتى ياكى يېقىن ئەتراپتىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتى مەسلىھەت بېرىش پونكىتىغا بېرىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ؛ شۇنداقلا خىزمەت ۋاقتىدا ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەق مەيدانىدا مەسلىھەت سوراش مەخسۇس لىنىيەسى(0991-8750000)غا تېلېفون قىلسا بولىدۇ، ياكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتى مەسلىھەت سوراش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر