باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باغدادتا ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بېرىپ 126 كىشى قازا قىلدى

2016.07.05 14:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا 3-ئىيۇل ئەتىگەندە ئىككى قېتىم ئاپتوموبىللىق بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 126 كىشى قازا قىلدى، 147 كىشى يارىلاندى. ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئاپتوموبىل بىلەن باغدادتىكى سودا مەركىزى بولغان كارادا رايونىغا كىرگەن ، ئارقىدىن بومبىنى پارتلاتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باغدادتىن شەرقىي شىمالىدىكى بىر بازارمۇ ئاپتوموبىللىق بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتى بۇ ئىككى قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  ئىسلام دۆلىتى نۆۋەتتە ئىراقنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي قىسمىدىكى كۆپ قىسىم زېمىننى ئىگىلەپ تۇرماقتا، ھەمدە كۆپلىگەن ئۆلكىلەردە ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن شىددەتلىك ئۇرۇش قىلماقتا. ئىراق ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا ئىسلام دۆلىتى ئىگىلەپ تۇرغىنىغا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان فالۇجىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قايتۇرۇۋالدى، ئىسلام دۆلىتى ئارقىدىن ۋەھشىلەرچە ئۆچ ئىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر