باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى جىخۇا دېلوسىغا 1-سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى

2016.07.05 18:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تيەنجىن شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى لىڭ جىخۇانىڭ پارا ئېلىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە قانۇنسىز ئېرىشىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، لىڭ جىخۇانىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەم بارلىق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش بېكىتىلدى؛ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە قانۇنسىز ئېرىشىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك ەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى؛ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى يۈرگۈزۈش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەم مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش قارار قىلىندى. لىڭ جىخۇا سوتتا ھۆكۈمگە بوي سۇنىدىغانلىقى ۋە ئەرز قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر