باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت تارماق داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈردى:

مۇلازىمەت باھاسى ئۆستۈرۈلۈپ، دورا ھەققى تۆۋەنلەپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ مۇلازىمەت باھاسىنى «بوشىتىش» ىغا توغرا كېلىدۇ

2016.07.07 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنى 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشچە، يېقىندا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ «داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، داۋالاش مۇلازىمىتى باھا نىسبىتىنى ئاساسەن راۋانلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار بەلگىلەندى: داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تۈرلەرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۇنىڭدىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانا ئاپپاراتلىرى تەمىنلىگەن ئاساسىي مۇلازىمەتتە ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسىنى يولغا قويۇش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانا ئاپپاراتلىرى تەمىنلىگەن ئالاھىدە ئېھتىياجلىق داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە باشقا بازار رىقابىتى تولۇق، خاسلاشتۇرۇش ئېھتىياجى كۈچلۈكرەك داۋالاش مۇلازىمىتىدە، بازار تەڭشەلگەن باھاسىنى يولغا قويۇش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدىن باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرى تەمىنلىگەن داۋالاش مۇلازىمىتىدە، بازار تەڭشەلگەن باھا سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چۆرىدەپ، دورا قوشۇش ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى بىر تۇتاش نەزەردە تۇتۇپ، ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش پىرىنسىپى بويىچە، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى ماس قەدەمدە تەڭشەپ، چوڭ تىپتىكى داۋالاش ئەسلىھەلىرىنىڭ تەكشۈرۈش، داۋالاش ۋە تەكشۈرۈش باھاسى قاتارلىق باھالارنى نۇقتىلىق تۆۋەنلىتىپ، تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش، ئوپېراتسىيە، ساغلاملىق، پەرۋىش، جۇڭگو تېبابىتى قاتارلىق داۋالاش خادىملىرىنىڭ تېخنىكا ئەمگەك مۇلازىمىتى قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى ئۆستۈرۈش؛ مۇشۇ ئاساستا، تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دورا، ماتېرىيال سەرپىياتى قاتارلىق ھەقلەرنى تۆۋەنلىتىشكە بوشلۇق ئاجرىتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى جانلىق تەڭشەش كېرەك. داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرىنى باشقۇرۇش ۋە باھاسىنى بېكىتىش شەكلىنى ئىسلاھ قىلىشتا، دۆلەت داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرى تېخنىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملىك مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەپ، يەرلىكنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ھەققىنىڭ كونكرېت تۈرلىرىنى بېكىتىپ، تۈر بويىچە ھەق ئېلىش سانىنى تەدرىجىي ئازايتىپ، كېسەللىك تۈرى، مۇلازىمەت بويىچە بىرلىك ھەق ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك. داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ ۋە دورا ھەققىنى تىزگىنلەپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش قىلمىشىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، رايون ئىچى داۋالاش ھەققىنىڭ نامۇۋاپىق ئۆسۈشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر