- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چې جۈن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى
2016.07.05 13:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جېجياڭ ئۆلكىلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 30-قېتىملىق يىغىنى 4-ئىيۇل لى چياڭنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلىپ، چې جۈننى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى.
چې جۈن، ئەر، خەنزۇ، 1955-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇي چاۋخۇدىن، 1973-يىلى 2-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1973-يىلى 12-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
چې جۈن ئىلگىرى خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمنىڭ باشلىقى، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىجياجۇاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو شىنجيەن گوروھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى (2010-يىلى 9-ئايدا مىنىستىر دەرىجىلىك بولغان)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى (مىنىستىر دەرىجىلىك) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى. (جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمېتى تورىدىن ئېلىندى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر