باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق پايتەختى باغداتتا ئىككى قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 126 كىشى قازا قىلدى

2016.07.04 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئىيۇل، ئىراق پايتەختى باغداتنىڭ كارادا رايونىدا، خىزمەتچىلەر پارتلىغان نەق مەيداننى تازىلىماقتا.

  ئىراق ئەمەلدارى 3-ئىيۇل، پايتەخت باغداتتا شۇ كۈنى سەھەردە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئاپتوموبىل بومبا پارتلاش ۋەقەسىدە، ئاز دېگەندە 126 كىشى قازا قىلدى، 147 كىشى يارىلاندى، دېدى.

  ئىراق ئىچىكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى، بىر ئۆلۈۋېلىش شەكلىدىكى ھۇجۇم قىلغۇچى 3-ئىيۇل سەھەردە ئاپتوموبىل ھەيدەپ باغداتنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى كارادا رايونىغا كىرىپ بومبىنى پارتلاتتى. كارادا رايونى باغداتنىڭ سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، رامىزان مەزگىلىدە ئادەم بىر قەدەر زىچ بولغاچقا، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 125 كىشى قازا قىلدى، 142 كىشى يارىلاندى، نۇرغۇن يارىدارنىڭ يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا، قازا قىلغۇچىلار سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باغداتنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى بىر بازارمۇ ئاپتوموبىل بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە بىر كىشى قازا قىلدى، دېدى.

  ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» ئارقىدىن بۇ ئىككى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئىراق زوڭتوڭى فۇئاد مەسۇم 3-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، «<ئىسلام دۆلىتى> فەلۇجەنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئۆچ ئېلىش ئۇسۇلى قىلدى، بىز زۆرۈر ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، بارلىق تېررورچىلارنى يوقىتىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر