باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن خەۋەر مەزمۇنىنى بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

2016.07.04 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. توردىكى ساختا خەۋەرلەرگە يەنىمۇ زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دۆلەت تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى يېقىندا «ساختا خەۋەرلەرنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە تىزگىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، ھەرقايسى تور بېكەتلىرىنىڭ توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ ھەقىقىي، ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۈستىدە قارىغۇلارچە قوغلىشىشنى مەنئى قىلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى قاتارلىق تور مۇنبىرىدىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ بىۋاسىتە ئاخبارات خەۋىرى قىلىپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى تور بېكەتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆچمە ئاخبارات ئابۇنىچىلىرى، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تور بېكەت مۇنبەرلىرىدە ماقالە بېرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىچكى جەھەتتىكى باشقۇرۇش ۋە نازارەت مېخانىزىمنىمۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. تور بېكەتلەرنىڭ ئاخبارات مەنبەلىرىگە بەلگە بەرمەسلىكى ياكى ساختا بەلگە بېرىشى، ئەپقاچتى گەپلەرنى خەۋەر قىلىپ بېرىشى ياكى پەرىزىگە تايىنىپ ئەمەلىيەتنى بۇرمىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك تور ئۇچۇرى ئىشخانىلىرى تور مەزمۇنىنى باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ساختا، پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر