باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

زاڭ شۇۋۇ يەنە شەرەپ قۇچتى

2016.07.04 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) «جوڭگۇدىكى ئەڭ ياخشى ئادەم»، «شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن ياخشى ئادەم»، ئاقسۇ ۋىلايىتى تەرىپىدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس»، «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى»، «ئەڭ گۈزەل تېببى خادىم» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن ئۇيغۇرلار كەنتىدىكى خەنزۇ دۇختۇر زاڭ شۇۋۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم چاقىرغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلىدىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.

  زاڭ شۇۋۇ ئۇيغۇرلار كەنتىدە دوختۇرلۇق قىلغان 17 يىل مابەينىدە، بىمارلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئازابىنى يېنىكلىتىپ، كەنت ئاممىسىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

  زاڭ شۇۋۇ 1994-يىلى نەنجىڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن جياڭسۇ ئۆلكىسى گەنيۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن. 1999-يىلى شىنجاڭغا تۇغقان يوقلىغىلى كېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئەۋزەل خىزمەت شارائىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرى كۆنچىسوڭ كەنتىگە كېلىپ، ئامبولاتورىيە ئاچقان ئىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئائىلىمۇ ئائىلە كىرىپ كېسەل كۆرۈپ، دېھقانلارنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ دورىلىرى ئەرزان بولۇپلا قالماي، كېسەللەرنىڭ ساقىيىشى تېز بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار دېھقانلارنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز داۋالىدى. 17 يىل مابەينىدە زاڭ شۇۋۇ 90 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ، 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق دورا پۇلىنى كەچۈرۈم قىلدى.

  كۆپ يىللاردىن بىرى زاڭ شۇۋۇ ھەر مىللەت بىمارلىرىغا شەخسىيەتسىز ھالدا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، كەنت ئاممىسىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تەشۋىق قىلىنىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن زاڭ شۇۋۇ 2012-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى»، «ئەڭ گۈزەل كەنت دوختۇرى» بولۇپ باھالىنىپ تەقدىرلەندى. 2015-يىلى يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتى تەرىپىدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ تەقدىرلەندى. بۇ يىل 6-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم تەرپىدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلىدىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

  زاڭ شۇۋۇ مۇنداق دېدى: بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كەنتتە كېسەل كۆرۈپ، كېسەل داۋالاپ بۇ يەردىكى پوقرالارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتىم. بۇ يەردىكى پۇقرالار ناھايىتى ئاقكۆڭۈل، ئاددى-ساددا بولۇپ، سىز ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇلار سىزگە تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. بىز ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاپ، بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلاردەك بولۇپ قالدۇق. مەن بۇ يەردىكى ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلىرىمدىن ئايرىلالمايمەن، كەنت ئاھالىلىرىمۇ مەندىن ئايرىلالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر