- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنى 3-ئومۇمىي يىغىن ئاچتى
جاڭ دېجياڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى
2016.07.01 17:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنى 30-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 3-ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىكى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 151 كىشى يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر