خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكومدىن گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كارخانىلار ۋە شەخسلەر ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىپ، ھەرخىل شەكىللەردە ياشانغانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا سوتسىيالىستىك ئىناق ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
سۈرەتتە: ئاقسۇ شەھىرى «ئىززەتگۈل كىيىم لەھىيەلەش شىركىتى»نىڭ مەسئۇلى ئىززەتگۈل خانىم ئاقسۇ شەھىرى لەنگەر كوچا باشقارمىسى لەنگەر مەھەللىسىدىكى ياشانغان 20 كىشدىن 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ماددى بۇيۇم بىلەن ھال سوراپ، ياشانغان بوۋاي-مومايلارنىڭ روزى ھېيتىنى خوشال-خورام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى