باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ كونسۇللارنى قوغداش مەركىزى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشىنى ئەسكەرتتى

2016.07.04 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كونسۇل مۇلازىمەت تورى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ كونسۇللارنى قوغداش مەركىزى يېقىندا، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشىنى ئەسكەرتكەن.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: يازلىق تەتىلدىن كېيىن، مۆلچەرلىنىشىچە 500 مىڭ ئەتراپىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى چەت ئەلدە ئوقۇشنى باشلايدۇ. يېقىنقى مەزگىلدە، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان دېلولار كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئۇلار ئاساسلىق دۇچ كېلىدىغان خەۋپسىزلىك خەۋپ-خەتەر بولسا، شۇ جايدىكى جەمئىيەت ئامانلىقى مەسىلىسى بولۇۋاتىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېقىنقى مەزگىللەردە، كونسۇللارنى قوغداش مەركىزى شاڭخەي، چۇڭچىڭ، شىئەن، چاڭچۈن ۋە لەنجۇ قاتارلىق جايلاردا ئون نەچچە مەيدان چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مەخسۇس تەربىيەلەش ئېلىپ باردى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ كونسۇللارنى قوغداش مەركىزى بۇ يەردە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى چەت ئەلگە چىقىشتىن ئىلگىرى جۇڭگونىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانا تور بېكىتى ۋە جۇڭگو كونسۇلى مۇلازىمەت تورى، « كونسۇل بىۋاسىتە يولى» ئۈندىدار سۇپىسى قاتارلىق تور ئارقىلىق بارماقچى بولغان دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ۋە يەرلىك قانۇن-نىزامىنى چۈشىنىشى، چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن بارغان رايونلارنىڭ مۇھىتىنى تېزدىن پىششىق بىلىۋېلىشى، ئامال بار ئامانلىقى ناچار رايونغا بارماسلىقىنى ئەسكەرتتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ كونسۇللارنى قوغداش مەركىزى كۆپچىلىككە يەنە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يەر شارى ئەلچىخانىسى كونسۇللارنى قوغداش ۋە مۇلازىمەت قىلىش بويىچە جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ <12308> قىزىق لىنىيە نومۇرىنى ئەستە تۇتۇشىنى، ئەگەر تۇيۇقسىز ئەھۋالغا ئۇچرىغاندا، 00861012308 غا تېلېفون قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر