- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شيەن خۇي نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى
2016.07.04 15:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنى 3-ئىيۇل ليۇ خۇينىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلىپ، شيەن خۇينى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەشنى قارار قىلدى.
شيەن خۇي، ئايال، خۇيزۇ، 1958-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇ دىڭشىلىق، 1976-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، 1975-يىلى 3-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىنى ئوقۇغان، باشقۇرۇش ئىلمى دوكتۇرى.
2015-يىلى 5-ئايدا، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، گەنسۇ ئۆلكىلىك مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، ئۆلكىلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان.
17-نۆۋەتلىك، 18-نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 11-نۆۋەتلىك، 12-نۆۋەتلىك گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان. (قىسقىچە تارىخى گەنسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىدىن ئېلىندى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر