باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈنۈگۈنى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى» ئاساسلىق تېما قىلىنغان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2016.07.04 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سېئۇل جۇڭگو مەدەنىيىتى مەركىزى ۋە كورېيە چېڭجۈن سارىيى ئۇنىۋېرسىتېتى چېڭجۈن جۇڭگو تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈنۈگۈنى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى»نى ئاساسلىق تېما قىلغان مۇھاكىمە يىغىنى يېقىندا سېئۇل جۇڭگو مەدەنىيىتى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا كورېيەدىكى كۆپلىگەن جۇڭگونى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىس، ئىلىم ئەھلى، ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە جۇڭگو-كورېيە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇرلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

  مۇھاكىمە يىغىنىدا، كورېيە تەرەپ مۇتەخەسسىسلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشكىللەش ۋە ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، خىزمەت ئۇسۇلى، ئىنتىزام تەلىپى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەجرىبىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

  مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كورېيە جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىشى ۋە كورېيە- جۇڭگو ئالاقە ئاپپاراتىدىكى ئاساسلىق ۋەكىللەرنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ بەس-بەستە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشى كورېيە جەمئىيىتىدىكىلەرنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تېخىمۇ توغرا، چوڭقۇر چۈشىنىشىنى كۈچەيتىشتە، جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر