- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەملىكەت بويىچە 26 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 1192 ناھىيە كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى، 186 ئادەم ئاپەت سەۋەبىدىن قازا قىلدى
2016.07.04 14:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش-قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش ئىشتابى تور بېكىتىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان نۆۋەتتىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، 3-ئىيۇلغىچە ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە 26 ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون ، شەھەر )دىكى 1192 ناھىيە كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان، 2942 مىڭ گېكتار زىرائەت ئاپەتكە ئۇچراپ نابۇت بولغان؛ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم 328 مىليون 20 مىڭغا يەتكەن، 1 مىليون 480 مىڭ ئادەم جىددى يۆتكەلگەن، ئاپەت سەۋەبىدىن 186 ئادەم قازا قىلغان، 45 ئادەم يوقاپ كەتكەن؛ 56 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. تەخمىنەن 5 مىليارد 600 مىليون يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر