باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېن باۋشېڭ مائارىپ مىنىستىرىلىقىغا تەيىنلەندى

2016.07.04 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا بويسۇنىمەن، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدايمەن، ئاساسىي قانۇندىكى ۋەزىپەمنى ئادا قىلىمەن...»

  2-ئىيۇل سائەت 17 ئەتراپىدا، خەلق سارىيى ئىككىنچى قەۋەت شەرقىي زالىغا ئېسىلغان دۆلەت گېربى، يارقىن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق زالنى تەنتەنىلىك تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى. بايىلا مائارىپ مىنىستىرىلىقىغا تەيىنلەنگەن چېن باۋشېڭ سول قولىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى» ئۈستىگە قويۇپ، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ مۇشتىنى تۈگۈپ، ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بەردى.

  2-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇليىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى كۇنۇپكىنى بېسىپ، يېشى 65كە توشقان يۈەن گۇيرېننىڭ ئورنىغا، چېن باۋشېڭنى مائارىپ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى.

  چېن باۋشېڭنىڭ ئورگان تەرەپ قىسقىچە تەرجىمىھالىدا كۆرسىتىلىشىچە، چېن باۋشېڭ 1956-يىلى 5-ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇنىڭ لەنجۇ شەھىرىدىن، 1978-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد ئىلمى كەسپىدە ئوقۇغان، 2002-يىلى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىياسەت ئىلمى كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپرانتلىقتا ئوقۇغان، 1984-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، 1974-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان.

  چېن باۋشېڭنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمەت تەجرىبىسى بىر قەدەر مول بولۇپ، 1982-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ گەنسۇ ئۆلكىلىك سودا نازارىتىدە خادىم بولۇپ ئىشلەشتىن باشلاپ، ئۇنىڭدىن كېيىن گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرەققىيات ۋە تەتقىقات مەركىزى سىياسىي تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، جيۇچۈەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، لەنجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

  2008-يىلى 6-ئايدا، چېن باۋشېڭ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، باش كاتىپى بولغان، 2013-يىلى 3-ئايدا دۆلەت مەمۇرىي ئىنىستىتۇتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر