باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى تەڭشىلىدۇ

2016.07.01 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 30-ئىيۇن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى «2016-يىلى تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى ۋە ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى تەڭشەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، بېيجىڭدا 2016-يىلى تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى تاپشۇرۇشنىڭ يىللىق ئاساسىي سان يۇقىرى چېكىنىڭ 21 مىڭ 258 يۈەن بولغانلىقىنى ئېنىقلىدى.

  ئاشكارىلىنىشىچە، ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 2015-يىللىق بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى بويىچە ھېسابلىغاندا، بېيجىڭدا 2016-يىلى تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنىڭ يىللىق يۇقىرى چېكى 21 مىڭ 258 يۈەن، ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسىنىڭ يۇقىرى چېكى 5102 يۈەن بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسىنىڭ يۇقىرى چېكى 2551 يۈەن بولىدىكەن. پىرىنسىپ جەھەتتە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇش سوممىسى ۋە ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسىنىڭ يۇقىرى چېكىدىن ئېشىپ تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر