باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك قۇملۇق ۋالىبولى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

شىنجاڭ ئاياللار قۇملۇق ۋالىبولى كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى

2016.07.04 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئىيۇل، 2016-يىللىق مەملىكەتلىك قۇملۇق ۋالىبولى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. تۆت كۈن كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، شەندوڭ كوماندىسى ئاياللار قۇملۇق ۋالىبولى كوماندىسى چېمپىيون بولدى، فۇجيەن كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى، شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. قۇملۇق ۋالىبولى ۋالىبول ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە، شاڭخەي كوماندىسى چېمپىيون بولدى، فۇجيەن كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى، شەندوڭ كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

  بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇملۇق ۋالىبولى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى باشلىنىپ، 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاياغلاشتى. جەمئىي 29 تارماق ئەرلەر كوماندىسى ۋە 31 تارماق ئاياللار كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشتى. قۇملۇق ۋالىبولى شىنجاڭنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە تەنھەرىكەت تۈرى، ۋاڭ جىيې ئىلگىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 2 - لىككە ئېرىشكەندىن باشقا، نۆۋەتتىكى دۆلەتلىك قۇملۇق ۋالىبولى كوماندىسى ماھىرى شيا شىنيى، خالىقجاننىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىن چىققان مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر، ئۇلار ھازىر خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانىدا رېئودى – ژانىيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولغاچقا، يۇرتىغا قايتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئامالسىز قېلىپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر