باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 6 - ئىيۇل باشلىنىدۇ

2016.07.04 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016 ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى 6 - ئىيۇل باشلىنىدىغان بولۇپ، 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن، ھەرقايسى تىل، ھەر قايسى تۈركۈمدە كومپيۇتېردا يىراق مۇساپىلىك توردا قوبۇل قىلىش يولغا قويۇلىدىكەن. ھەرقايسى تۈركۈملىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كونكرېت ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يۇقارقى جەدۋەل بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ھەر مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئائىلە باشلىقلىرىنى ئەسكەرتىدۇ : بۇ يىل رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىغان ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر داۋاملىق جايلار ئارا يىراق مۇساپىلىك توردا قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، باشقا قوبۇل قىلىش شەكلى مەۋجۇت ئەمەس. ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار، ئاتا - ئانىلار پىتنە – ئىغۋالارغا ھەرگىز ئىشەنمەسلىكى، ئالدىنىپ قېلىشتىن، پۇل-مالدىن زىيان تارتىشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى داۋاملىق تۈردە ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8 دە شۇ كۈنىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانلىق مەلۇماتىنى يېڭىلايدۇ ھەم « شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn/)»غا چىقىرىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر « شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى » بىلەن « شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش » ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار سۇپىسى (ئۈندىدار نومۇرى: xjzs140304) ئارقىلىق ئىمتىھان كېنىشكىسىنىڭ نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر