باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ساقچى تەرەپ ئايرودرۇمدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق 22 گۇماندارنى قولغا ئالدى

2016.07.01 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ساقچى تەرەپ 30-ئىيۇن ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىستانبۇل ئايرودرۇمىدىكى پارتلىتىش ھۇجۇمى ۋەقەسىگە چېتىشلىق 22 گۇماندارنى قولغا ئالدى. ئىگىلىنىشىچە بۇ 22 كىشى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئەزالىرى دەپ گۇمان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ چەت ئەللىك بار ئىكەن.

  تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ساقچى تەرەپ شۇ كۈنى ئىستانبۇل ۋە غەربىي قىسىمدىكى شەھەر ئىزمىردا تەڭلا ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىستانبۇلدا ئۈچ چەت ئەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 گۇماندارنى قولغا ئالغان، ئىزمىردا ئاز دېگەندە 9 كىشىنى قولغا ئالغان.

  تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى 30-ئىيۇن، ئىستانبۇل ئاتاتۈرك خەلقئارا ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 43 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە، تۈركىيە ساقچى تەرەپ بىر نەپەر ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكەنلىكىنى، توپلانغان پاكىتلار بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، دېدى.

  شۇ يەر ۋاقتى 28-ئىيۇن كەچتە، ئۈچ ھۇجۇم قىلغۇچى تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا كەلگەن، ئۇلار ئالدى بىلەن ئوق چىقىرىپ، ئاندىن بەدىنىدىكى پارتلاتقۇچنى پارتلىتىپ، زور ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان.

  نۆۋەتتە ھىچقاندا تەشكىلات بۇ قېتىملىق ۋەقەنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىمىدى، بىراق تۈركىيە زوڭلىسى ئىلدىرىم: بەزى ئىزنالار بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى، دەپ بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر