باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق شىنجاڭ ئىلى دۇلدۇل خەلقئارا ساياھەت بايرىمى 10-ئىيۇل باشلىنىدۇ

2016.07.04 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئىيۇل، 2016-يىللىق شىنجاڭ ئىلى دۇلدۇل خەلقئارا ساياھەت بايرىمى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىملىق ساياھەت بايرىمىدا، جۇڭگو ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى موڭغۇلكۈرە بېكىتى، مەملىكەتلىك چەۋەندازلار چىدامچانلىق مۇسابىقىسى سەييارە مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك تەڭرى تېغى ئاتچىلىق مۇھاكىمە باشلىقلار مۇنبىرى، خەلقئارا ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق 12 تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، 2003-يىلى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن جۇڭگونىڭ دۇلدۇل يۇرتى، دەپ نام بېرىلگەن. 2009-يىلىدىن باشلاپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى «دۇلدۇل خەلقئارا ساياھەت بايرىمى»نى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئات ئويۇنى تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 2013-يىلىدىن باشلاپ، « دۇلدۇل خەلقئارا ساياھەت بايرىمى» ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ساياھەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر