باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ تەپتىش تەرەپ لېي ياڭنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش پىكرىنى ئېلان قىلدى

شىڭ XX قاتارلىقلار خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن قولغا ئېلىندى

2016.07.01 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 4-تارماق مەھكىمىسى 30-ئىيۇن لېي ياڭنىڭ ئۆلۈم دېلوسىغا چېتىشلىق ساقچى خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، لېي ياڭنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئىككى تەرەپ تەكلىپ قىلغان ئادۋوكاتلارغا لېي ياڭنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش پىكرىنى ئۇقتۇردى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «بېيجىڭ تەپتىش»تە، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بېيجىڭ مىڭجېڭ ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈپ بېكىتىش مەركىزى چىقارغان تەكشۈرۈپ بېكىتىش پىكرىگە قارىتا قاراپ چىقىپ، مۇتەخەسسىسلەر قاراپ چىقىپ دەلىللەش، يازما ئىسپاتلارغا قاراپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆلگۈچى لېي ياڭنىڭ ئاشقازان ئىچكى ماددىلىرىنىڭ نەپەسلىنىش يولىغا كىرىپ كەتكەنلىكتىن تۇنجۇقۇپ ئۆلگەنلىككە ماس كېلىدىغانلىقىنى بېكىتتى. تەپتىش ئورگانلىرى داۋاملىق قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيەت ۋە پاكىتقا ھۆكۈم قىلىپ، قىلمىشنىڭ خاراكتېرى ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىنى توغرا بېكىتىدۇ.

  دىلوغا چېتىشلىق ساقچىلار قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا، نامۇۋاپىق قىلمىشلارنى قوللانغان، چاڭپىڭ ج خ تارماق ئىدارىسى دوڭشياۋكۇ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىڭ XX، ياردەمچى ساقچى جۇ X ۋەقەدە ئاساسلىق رول ئوينىغان بولۇپ، دىلو يۈز بەرگەندىن كېيىن تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشى بار. ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە دىلو بېجىرىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 4-تارماق مەھكىمىسى بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە شىڭ XX، جۇ X خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ئۇلارنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى تەستىقلاشقا سۇندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر