خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يوپۇغا ناھىيەسى يەكشەنبە بازار يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلى ئەخەت خەۋىرى، فوتوسى) 30-ئىيۇن، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار يېزىسىدا يېزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بازارغا ئۆزگەرتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، يەكشەنبە بازار بازىرىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى. مۇراسىمغا ناھىيە، ھەر قايسى يېزا-بازارلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە بازار تەۋەسىدىكى ئامما بولۇپ، 1000دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
سۈرەتتە: مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى