خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان، شىرئېلى ئۆمەرلەر خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدىكى ئىگىلىك تىكلەش ماھىرلىرىدىن ئابدۇخېلىل نۇر، ئابدۇسالام مۇھەممەد، ئوسمان ئابلا قاتارلىق 15 ساخاۋەتچى 30-ئىيۇن چىمەن بازىرىنىڭ چىمەن 1-كەنتى، ساڭ كەنتلىرىگە بېرىپ، بۇ كەنتلەردىكى قىيىنچىلىقى بار 50 ئائىلە ۋە ئائىلە قىيىنچىلىقى بار 145 ئوقۇغۇچىدىن 45 مىڭ 500 يۈەن قىممىتىدىكى 37 پارچە گېلەم، 145 يۈرۈش ئوقۇغۇچىلار سومكىسى، 50 خالتا گۈرۈچ، 50 تۇڭ ماي قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن روزا ھېيتلىق ھال سوراپ، ئۇلارغا سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى