باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قەشقەرنىڭ ئاسايىشلىق بىر كۈنى

2016.06.30 14:51   مەنبە: خەلق تورى

قەشقەرنىڭ ئاسايىشلىق بىر كۈنى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) رامىزان كىرگەندىن بۇيان، قەشقەرنىڭ ھاۋاسى ئىسسىپ 35 گىرادۇستىن ئاشقان بولسىمۇ، پىژغىرىم ئىسسىق شەھەردىكى قايناق ھايات ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىجىل-ئىناق، خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان ئاسايىشلىق تۇرمۇشىغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمىگەندەك قىلاتتى. قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋات بازار- رەستىلىرىنى ئايلانغاندىن كېيىن، بۇ شەھەرنىڭ قايناق مەنزىرىسى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

  قەشقەر شەھىرى جۇڭگودىكى فولىكلور مەنزىرە رايونىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر كۈنى ئىلىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ. قەشقەر كونا شەھەر رايونى تۇرمۇش ھەم مەنزىرە رايونى بىرلەشكەن ساياھەت رايونى، بۇ رايوننىڭ مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھەركۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىز يىرىمدا تۆشۈك دەرۋازىسى ئالدىدا بۇرۇنقى دەۋرلەرنى ئەسلىتىدىغان قەشقەرگە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، قەشقەردىكى مەشھۇر شەخىسلەر، مەدداھلار، سەنئەتكارلار يىرىم سائەت نومۇر ئورۇنلاپ، قەشقەر مەدەنىيىتىنىڭ كارتىنىسىنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىدۇ. ساياھەتچىلەر تۆشۈك دەرۋازىسى ئارقىلىق كونا شەھەر رايونىغا كىرىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىنى، يول بويىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە دۇكانلارنى ئارىلاپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چۈشىنىدۇ.

  رامىزان ئايلىرىدا ساياھەتچىلەر قەشقەرنىڭ ئاۋات كوچىلىرى، بازار، جامەلىرىنى ئاۋات قىلىدىغان بولۇپ، كونا شەھەر رايونىدىكى ھۈنەرۋەنلەردىن تۆمۈرچى، ياغاچچى، مىسكەر، ناۋاي، مارۇژنىچى، دوغچىلار ساياھەتچىلەرگە ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلسا، دۇكانلاردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئاۋات سودا-سېتىقلىرى رامىزاندا جىمىپ قالغان شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ تۇرىدۇ. كونا شەھەر رايونىدا ئۆيىدە سوۋغاتلىق چالغۇ-ئەسۋابلار، ياغاچ بۇيۇملار سېتىش دۇكىنى ئاچقان ئابدۇخېلىل مۇھەممەتئىمىن 15 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ساياھەتچىلەرگە نەچچە مىڭ يۈەنلىك مال ساتتى. ئامېرىكىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ ئۇنىڭ ياغاچتىن ئويۇلغان قاچا-قوشۇق، نەقىش ئويۇلغان قاپاق قاتارلىق «يېشىل مەھسۇلات»لىرىغا ئالاھىدە قىزىقىپ سېتىۋالدى. ئابدۇخېلىل مۇھەممەتئىمىن ئائىلىسىدىكىلەر روزا تۇتۇۋاتقان بولۇپ، شۇنداق بولسىمۇ ساياھەتچىلىكنىڭ ياخشى مەزگىلىدە ئىبادەت ۋە تىجارەتنى تەڭ قىلىپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئائىلىسىدىكىلەر ئالمىشىپ تۇرۇپ دۇكان ئېچىپ، ئوبدانلا كىرىم قىلىۋاتاتتى. بۇ كوچىدىكى ناۋايخانىلاردا ئەمدىلا تونۇردىن چىققان مەززىلىك ناننىڭ پۇرىقى كېلىۋاتاتتى، ساياھەتچىلەر تونۇر بېشىغا كېلىپ قىزىقسىنغان ھالدا ناۋايلار سۇنغان يېڭىدىن تونۇردىن چىققان نانغا ئېغىز تېگىپ، «ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن مېھماندوست خەلق ئىكەن» دەپ باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختاپ كەتتى. ناۋاي مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەنمۇ روزا تۇتقان بولۇپ، زورلۇقتىن كېيىنلا تونۇر ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولىدىكەن. ئەتىگەندىن چۈشكىچە ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، كۈن ئىسسىغاندا ئۆيىدە ئارام ئالىدىكەن. رامىزان مەزگىلىدە ئىپتارلىق مېھماندارچىلقمۇ ئەۋج ئالغاچقا، ئالاھىدە نان زاكاز قىلىدىغانلار كۆپ ئىكەن. شۇڭا ناۋايلار روزا تۇتسىمۇ، باشقىلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن يەنە ئىشلەيدىكەن.

  ساياھەتچىلەر كونا شەھەر رايونى، ھېيتىگاھ جامەسى قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ، چۈشتە ھەرەمباغ تېز تاماقخانىسىدا غىزالاندى. قەشقەردىكى نۇرغۇن كىچىك تاماقخانىلار كۈندۈزدە ئېچىلمىغاچقا، ھەرەمباغ تېز تاماقخانىسى مېھمانلار بىلەن لىق تولغانىدى. مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئاشخانىلار ئوقۇغۇچىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، نورمال تىجارەت ئېلىپ بارغان.

  كەچ سائەت ئالتىدىن كېيىن، شەھەردىكى يېمەك-ئىچمەك بازارلىرى بەكلا قىزىپ كەتتى. بۇ يىل رامىزان مېۋە-چىۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان، مول-ھوسۇللۇق مەزگىلگە توغرا كەلگەچكە، بازارلار ناھايىتى ئاۋات ئىدى. بولۇپمۇ دوغچى، لەڭپۇڭچىنىڭ قولى ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىپتارلىق لەڭپۇڭ ھەم دوغ سېتىۋېلىۋاتاتتى.

  ئوردى ئالدى كەچلىك بازاردا لەڭپۇڭچىلىق قىلىدىغان 5-ئەۋلاد لەڭپۇڭچى تۇرغۇنجان تۇرسۇننىڭ رامىزان كىرگەندىن بۇيانقى نەچچە كۈندە كىرىمى خېلىلا ئوبدان بولدى. ئۇ كۈندە كەچتىكى ئۈچ –تۆت سائەت ۋاقىت ئىچىدىلا 2000 يۈەنگە يىقىن سودا قىلاتتى. دوغچى غالتىكىنىڭ ئالدى قايناپ كەتكەن بولۇپ، ئىپتارلىق دوغنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدىغانلار ھەم غالتەك ئالدىدا ئولتۇرۇپلا ئىپتار قىلىدىغانلارمۇ خېلى كۆپ ئىدى. رىشالە ساتىدىغان ئابدۇرازاق ئابلىزمۇ بىر تەرەپتىن خېرىدار چاقىرسا، يەنە بىر تەرەپتىن سۇلياۋ قاچىلارغا خېرىدارلار سېتىۋالغان رىشالە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئوردا ئالدى يەر ئاستى يولىدىكى «تۇمار» گىرىم بۇيۇملىرى سېتىش دۇكىنىنىڭ غۇجايىنى گۈلنۇر قاسىم ئىپتار ۋاقتىغا ئاز قالغان بولسىمۇ، يەنە خېرىدارلارغا مال سېتىۋاتاتتى. ئۇمۇ روزا تۇتقان بولۇپ، ئائىلىسىدە قىينئانا ۋە قىينئاتىسى بىلەن بىللە تۇراتتى. ئۇ ئىپتارلىق تاماقنى ئۈندىداردىن «ئىچىل داستىخىنىم تاماق زاكاز قىلىش سۇپىسى»غا بۇيرۇپ قويۇپ سودىسىنى قىلىۋاتاتتى. كەچتە يەر ئاستى يولىدا كەچلىك بازاردا ئىپتارلىق يېمەكلىك سېتىۋالىدىغانلار بۇ يولدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، ئۇمۇ بۇ پۇرسەتتە ياخشى سودا قىلىۋالاتتى.

  قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىلجان ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: 2-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالى» دېگەن كىتابتا ئوتتۇرغا قويۇلغاندەك، قەشقەردە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەر قوغدىلىدۇ، ئامما ئۆز ئىختىيارى بويىچە روزا تۇتۇپ، ئىبادىتىنى قىلىۋاتىدۇ. قەشقەر خەلقى ساياھەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئىبادەت ۋە تىجارەتنى تەڭ تۇتۇپ، گەرچە رامىزان بولسىمۇ قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزمەيۋاتىدۇ.

  دوغچى روزىھاجىم داۋۇت مۇنداق دېدى: ھازىر سىياسەت شۇنداق ياخشى، ھۆكۈمەت تەشۋىقات ئارقىلىق قەشقەرنىڭ داڭقىنى يىراق-يىقىنغا تارىتىپ، بىزگە ساياھەتچىلەر ئارقىلىق باي بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. «قۇلدەك ئىشلەپ، بەگدەك ياشا» دېگەن گەپ بار. رامىزان بىزنىڭ ئىرادىمىزنى سىنايدىغان، ئاچلىق ھەم توقلۇقنىڭ قەدرىنى بىلدۈرۈدىغان، يىتىم-يېسىر، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىدىغان خاسىيەتلىك ئۇلۇغ ئاي. شۇڭا بۇ ئايدا روزىنىمۇ تۇتۇپ، پۇلنىمۇ تېپىپ، ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار 28-ئىيۇندىن باشلاپ …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇش» قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش چارىسى تەتقىق قىلىپ تۈ…
    ·بىر قىسىم ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۆستۈرۈلىدۇ
    ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان 33 نەپەر ئوقۇغۇچى توردا ئېلان قىلىندى
    ·تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھان نەتىجىسى 10-ئىيۇل ئېلان قىلىنىدۇ
    ·قىسمەن ئۆلكىلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى
    ·ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئوسمانىيەچە مەنزىرىلەر
    ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىنى قالايمىقان تارقىتىش ۋە مەكتەپ…
    ·2016-يىلى شىنجاڭدىن 135 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىل مائارىپىنىڭ قاپلاش دائىرىسى %70 كە يەتتى