خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى، فوتوسى) ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق بازىرى لەڭگەر كەنتىدىكى 75 ياشلىق دېھقان خۇدابەردى ئىمىننىڭ ئۆيى 2006-يىلى ناھىيەلىك پارتكوم تەرىپىدىن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى قىلىپ بېكىتىلگەندىن بۇيان، 2009 –يىلى ۋىلايەتلىك پارتكوم تەرىپىدىن ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى، 2010-يىلى، ۋىلايەت دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىيە تەربىيە بازىسى دەپ نام بېرىلدى، 2011-يىلى ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ئاقسۇ قوراللىق ساقچى چېگرا مۇداپئە تارماق ئەترىتى بىرلىشىپ، خۇدابەردى ئىمىننىڭ ئۆيىگە «پارتىيە ئەزالىرى تەربىيە بازىسى» دەپ نام بەردى. بۇ «پارتىيە ئەزالىرى تەربىيە بازىسى» ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى، بولۇپمۇ كەڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش سۇپىسى بۇلۇپ، خۇدابەردى ئىمىن 22 كىۋادرات مېتىر كۆلەملىك بىر ئېغىزلىق ئۆينى بىزەپ كۆرگەزمە ئۆيى قىلدى، بۇ ئۆيگە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇش ھارپىسىدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرى، داھىيلارنىڭ سۈرىتى، تەربىيە ئالغىلى كەلگەنلەرنىڭ سۈرىتىدىن بولۇپ 350 خىل تارىخىي بۇيۇم ۋە بۇرۇنقى كونا بايراق، سوۋغا قىلىنغان بايراق قاتارلىق 70 دانە بايراق تىزىپ قويۇلغان.
1991-يىلدىن بۇيان ئونسۇ ناھيەسىدىكى ھەر قايسى ئىدارە، ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مۇناسۋىتى بىلەن ھەر يىلى تەربىيە ئالغىلى بۇ جايغا بارىدۇ. 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بۇ بازىدا 9000 قېتىمدىن كۆپرەك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن كەلگەن 35 مىڭدىن كۆپرەك ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى.
سۈرەتتە: 30-ئىيۇن ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەربىيە بازىسىدا ۋەتەنپەرۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى يوقلاش، قەسەم بېرىش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى